
发布于:2023年
播放:0次
时长:04:05
歌词
lrc 歌词
作词 : Anwar-Maglik 作曲 : Anwar-Maglik 编曲 : Mardan Turghun ساختا ئىكەن ئوتلىرىمدا ھەي جانان كۆيگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن مەن كۆنگەندەك ھەممىگە كۆنگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن ئوتلىرىمدا ھەي جانان كۆيگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن مەن كۆنگەندەك ھەممىگە كۆنگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن قۇچاق ئېچىپ مەن كەبى بار يوققا ئاھ ئۇرماي غەم ئىچىدىن شادلىقنى سۈرگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن قۇچاق ئېچىپ مەن كەبى بار يوققا ئاھ ئۇرماي غەم ئىچىدىن شادلىقنى سۈرگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن جاپالاردا يەڭ تۇرۇپ كۆرمىگەننى تەڭ كۆرۈپ بەختىمىزگە بىر خىيال سۈرگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن جاپالاردا يەڭ تۇرۇپ كۆرمىگەننى تەڭ كۆرۈپ بەختىمىزگە بىر خىيال سۈرگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن مېنى غەمدە قالدۇرۇپ يات يېنىدا ئولتۇرۇپ ئەزىز كۆرۈپ جېنىڭدىن كۆرگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن مېنى غەمدە قالدۇرۇپ يات يېنىدا ئولتۇرۇپ ئەزىز كۆرۈپ جېنىڭدىن كۆرگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن ھاياتىمنىڭ بارى دەپ پەرۋشلىسەم مەن سېنى قىزىل گۈلدەك بېغىمغا ئۈنگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن ھاياتىمنىڭ بارى دەپ پەرۋشلىسەم مەن سېنى قىزىل گۈلدەك بېغىمغا ئۈنگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن ئارتۇق كۆرسەم جېنىمدىن كەتتىڭ ئەمما يېنىمدىن مېنى مەندەك يار بىلىپ سۆيگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن ئارتۇق بىلسەم جېنىمدىن كەتتىڭ ئەمما يېنىمدىن مېنى مەندەك يار بىلىپ سۆيگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن مېنى مەندەك يار بىلىپ سۆيگەنلىرىڭ ساختا ئىكەن